خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17- ئۆكتەبىر خەلق سارىيىدا، رۇسىيە زۇڭتۇڭ بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى ئانتون ۋاينو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ ۋاينوغا ئۆزىنىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىنغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالدىنقى ئايدا مەن 4- نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشقان مەزگىلدە، زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ياخشى سۆھبەتلەشتۇق. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو- رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تەرەققىياتقا يېتەكلەش رولىنى ئوبدان جارى قىلدۇردۇق. جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا. ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ پىشقان، مۇستەھكەم ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇشى لازىم. ئىككى تەرەپ مەن بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ،«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش، ھەمكارلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشى لازىم. خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە- ماسلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش لازىم. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ئالاقىسىنى ياخشى لايىھەلەپ، ياخشى پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭ بەنگۇڭتىڭىنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمى ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنىڭ خاس يولى بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم ھەمدە جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مۇھىملىقىنى نامايان قىلماقتا. مەن ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مېخانىزمنى داۋاملىق ياخشى يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللايمەن. ئىككى بەنگۇڭتىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى