باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا يەنە توپتىن چېكىنمەكچى

ترامپ ئامېرىكىنىڭ «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى

2018.10.22 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپ 20-ئۆكتەبىر، ئامېرىكىنىڭ 30 يىل ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىمزالىغان ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىق يادرو باشقۇرۇلىدىغان سنارەد شەرتنامىسىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى، سەۋەبىنىڭ قارشى تەرەپ ئۇزۇن مۇددەت بۇ شەرتنامىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە شەرتنامىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىنى چەكلەۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ترامپ 20-ئۆكتەبىر نېۋادا ئىشتاتىنىڭ ئېلكو شەھىرىدىكى بىر مەيدان يىغىلىشىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىمزالىغان بىر تۈرلۈك يادرو ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش شەرتنامىسىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقنى جاكارلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ترامپ ئېيتقان شەرتنامىنىڭ نامى « سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تۈگىتىش شەرتنامىسى» بولۇپ، قىسقارتىلىپ، «شەرتنامە»دېيىلىدۇ. ئۇ، بۇ ھۆججەتنى «ئابىدە خاراكتېرلىك شەرتنامە» بولسىمۇ، بۇ خىل شەرتنامە بىزنىڭ (ئامېرىكىنىڭ) تەتقىق قىلىشىمىزنى چەكلىگەن قوراللارنى تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن، بۇ شەرتنامىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىغا كەلدىم، دېدى.

  ئۇ يەنە، «رۇسىيە شەرتنامىگە خىلاپلىق قىلدى... كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل خىلاپلىق قىلىپ كەلدى... بىز (ئامېرىكا) ئۇلارنىڭ يادرو قوراللىرى كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشىغا يول قويمايمىز»، دەپ كۆرسەتتى.

  بىراق، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كېيىنكى رۇسىيەنىڭ شەرتنامىگە خىلاپلىق قىلغان كونكرېت مىساللارنى ئېيتمىدى.

  ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم قارشى تەرەپنى شەرتنامىگە خىلاپلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى.

  «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»نى 1987-يىلى 12- ئاينىڭ 8-كۈنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رونالد رېگان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى مىخائىل گورباچېۋ ئىمزالىغان بولۇپ، شەرتنامىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئېتىش مۇساپىسى 500دىن 5500 كىلومېتىرغىچە بولغان، يادرو قوراللىرىنى توشۇغۇچى ۋاسىتە بولغان قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلغۇچى سىنارەد ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە ئېرىشمەسلىكى، ئىشلەپچىقارماسلىقى ۋە سىناق قىلماسلىقى بەلگىلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر