باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نورۋېگىيە خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىگە دائىر قىزىق ھېكايىلەر

2018.10.18 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كۈزدىكى ئۆكتەبىر، يەنى مول ھوسۇلنى يىغىۋېلىش پەسىلى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 16- چېسلا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، نورۋېگىيە پادىشاھى خارالد Ⅴ نىڭ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە كەلگۈسى قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەچ، بۇلار ھەققىدە بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدى، ھەمدە يېڭىلىق يارىتىش، تەنتەربىيە، ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا شاھىت بولۇشتى.

  پادىشاھ خارالد Ⅴ بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرىكى بەزى ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ ئوي-خىياللىرىنى 39 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا ئېلىپ باردى ——

  " 1979- يىلى مەن ئەينى چاغدىكى مۇئاۋىن زۇڭلى گېڭ بياۋغا ھەمراھ بولۇپ، شىمالىي ياۋروپادىكى تۆت دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان ئىدىم. نورۋېگىيەگە قىلغان شۇ چاغدىكى زىيارەت سەپىرىمىزدە ئوسلو بىلەن ستاۋانگېردىن ئىبارەت ئىككى شەھەردە زىيارەتتە بولغان ئىدىم، ھەمدە شۇ جايدىكى ئادەتتىكى ئاممىنىڭ ئائىلىلىرىگە بېرىپ، ئۇلارنى زىيارەت قىلىشقا قاتناشقان ئىدىم، نورۋېگىيەنىڭ تەرەققىي قىلغان پاراۋانلىق جەمئىيىتى ماڭغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى."

  بۇ، جۇڭگو ـ نورۋېگىيە مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق دىپلوماتىيە پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. 1979- يىلى 5- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە، گوۋۇيۈەننىڭ شۇ چاغدىكى مۇئاۋىن زۇڭلىسى گېڭ بياۋ نورۋېگىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان ئىدى،بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم نورۋېگىيەدە زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇ نورۋېگىيە تەرەپنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئەينى چاغدا، 26 ياشقا كىرگەن شى جىنپىڭ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە،گېڭ بياۋبىلەن بىرگە زىيارەتكە چىققان ئىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۈن تەرتىپى زىچ بولغان بولۇپ، نورۋېگىيەدىكى ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، زىيارەتنى تۇلۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان ئىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ بىر بۆلۈك ئېنىق ئەسلىمىلىرى پادىشاھ خارالدⅤ ۋە نورۋېگىيە مېھمانلىرىغا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلدۇردى.

  سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىدا پادىشاھ خارالدⅤ ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئىككى دۆلەت رەھبىرلىرى ئازادە ۋە خۇشال كەيپىيات ئىچىدە يەنىمۇ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشتى.

  زىياپەتتە، پادىشاھ خارالد Ⅴ تېخى ئەمدىلا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان بىر مۇھىم ئۇچۇرنى ئېلان قىلدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئەينى يىلى نورۋېگىيەدە زىيارەت قىلغان ئائىلىدىكىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بىر قىز مانا ھازىر دەل مۇشۇ قېتىمقى ئۆمەك بىلەن بىللە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يىڭگېۋېي سىمىنېس تىبۇ لىن يېد بولۇپ، ھازىر بۇ خانىم نورۋېگىيە نېفىت ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

  "مېنىڭ بۇ خانىم بىلەن كۆرۈشكۈم بار، بۇ ھـەقىقـەتـەنمـۇ ئاجايىپ ئۇچرىشىش بولدى ھە!" دېدى رەئىس شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا.

  شۇ پەيتتە، ھەممەيلەن بۇ «توساتتىن يۈز بەرگەن ۋەقە»گە جەلپ قىلىندى، ھەمدە بۇ مۇھىم تارىخىي پەيتكە شاھىت بولۇش ئۈچۈن تەقەززالىق بىلەن جىمجىت ھالدا ئۇ مىنۇتنى كۈتۈشمەكتە ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر