باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارى مۇخبىر ئېھتىياتسىزلىقتىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلدى، دېدى

2018.10.22 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى 21-ئۆكتەبىر: ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەلىكىدىكى مۇخبىر جامال كاشۇگى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تۈركىيە ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئىچىدە، زورلۇق قىلغۇچىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقىدىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلدى، دېدى.

  كاشۇگىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى بىر مەھەل ئۇنى كونسۇلخانىدىن ئايرىلدى، دېگەن ئىدى، ئاندىن سۆزىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئۇرۇشۇشتا ئۆلدى، دېدى، ئارقىدىن يەنە «ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆلۈپ قېلىش» دېگەننى ئېلان قىلدى. بۇ ئەمەلدار بۇ «ئۆزگىرىشلەر»نى كاشۇگىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا قاتناشقان ھەرىكەت گۇرۇپپىسى ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان، دەپ چۈشەندۈردى.

  بۇ ئەمەلدار رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىدىن ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلىماسلىقنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ئۇچۇر ئېلان قىلىش ئالدىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەلۇم ھوقۇق بېرىشىگە ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ «ئۇرۇشۇشتا ئۆلۈش» نۇسخىسىنى بىلگەندىن كېيىن، بىر مەھەل سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمەت تەرەپ بەرگەن چۈشەندۈرۈش «ئىشەنچلىك» دەپ بېكىتكەن ئىدى؛ ئىككىنچى كۈنى، ئۇ سۆزىنى ئۆزگەرتىپ، «تاكى جاۋاب تاپمىغۇچە، مەن رازى بولمايمەن»، دېدى.

  فىرانسىيە تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى «تولۇق بولمىدى»، دەپ قارىدى، گېرمانىيە تەرەپ تەكشۈرۈشنىڭ «ئېنىق» بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەڭ يېڭى «ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆلتۈرۈپ قويۇش» نۇسخىسىدا يەنىلا يوچۇق بار ئىكەن. مەسىلەن، ئەگەر ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى كاشۇگىنى ۋەتەنگە قايتىشقا دەۋەت قىلىش بولسا، قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە بىخەتەرلىك قىسىمى ئەزالىرىنى قاتناشتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر