باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىسلاھاتى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.10.22 15:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10- ئاينىڭ 18- كۈنى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىسلاھاتى مۇنبىرى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجوۋ شەھىرىدە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە پائال قاتنىشىشىغا ئېرىشىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق ئورتاق تىرىشىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ساھە. بىز ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، دۇنيا ئېنېرگىيە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى خالايمىز. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئېنېرگىيە خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە دۇنيا ئېنېرگىيە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېنېرگىيە ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر