باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىقتىسادى تاشقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە

2018.10.22 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئاينىڭ 19-كۈنى دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى 3 پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 65 تىرىليون 89 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئۆزگەرمەس باھاغا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشقان. پەسىلگە ئايرىپ قارىغاندا، 1 - پەسىلدە %6.8، 2 - پەسىلدە %6.7، 3 - پەسىلدە %6.5 ئاشقان.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ شېڭيوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ تاشقى مۇھىتىدا روشەن ئۆزگىرىش بولدى، ئىقتىسادىي ھەرىكەت مۇقىملىق داۋامىدا ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مۇۋاپىق دائىرىدە تۇردى، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي ۋەزىيەتنى داۋاملىق ساقلاپ كەلمەكتە. گەرچە تاشقى مۇھىتتا ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئېلىمىز ئىقتىسادى ھەرىكىتىنىڭ ئىسلاستىكىلىقلىقى ۋە ئەۋزەللىكى تاشقى بېسىمغا ناھايىتى ياخشى تاقابىل تۇردى دېيىشكە بولىدۇ. زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىدىغانلا بولساق، بۇ يىل پۈتۈن يىللىق ئېشىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا شارائىتىمىز، ئىقتىدارىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بولىدۇ.

  كەسىپ قۇرۇلمىسىدا سانائەت ئوتتۇرا - يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئۈزلۈكسىز تېز ئىلگىرىلىدى، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولى داۋاملىق مۇستەھكەملەندى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ كۆپەيمە قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى%60.8 كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.8 پوئېنت ئۆستى. ئېھتىياج قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %78 كە يېتىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 14 پوئېنت يۇقىرى بولغان. مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىمۇ ياخشىلانغان، ياسىمىچىلىق سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئالتە ئاي تېز بولغان، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى % 8 تىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىغان.

  يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىدىن قارىغاندا، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلگەن، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» تېز بەرپا قىلىنغان، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېز ئاشقان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان كارخانىلارنىڭ سانى 5 مىليوندىن ئاشقان. يېڭى كەسىپلەر تېز كۆپەيگەن، كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرى ئىچىدە، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، جابدۇقچىلىق، ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ كۆپەيمە قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %11.8، %8.6 ۋە %8.8 بولۇپ، بارلىق كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر