باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو نېفىتى قاتارلىق ئۈچ كارخانا شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىشقا ياردەم بەردى

2018.10.22 16:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 50 مىڭ قولاي دۇكانغا ھەقسىز كىرگۈزۈلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە خاس قول ھۈنەر بۇيۇملىرى جۇڭگو نېفىتى، جۇڭگو نېفىت–خىمىيەسى، جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ پارچە سېتىش يوللىرى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىلىدۇ.

  ھازىر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 9–نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسىدە جۇڭگو نېفىتى كوئېنلۇن خاۋكې چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو نېفىتى يىجيې سېتىش چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو تېلېگرافى پاي چەكلىك شىركىتى سېتىش ۋە سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئىشلىرى بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى تىجارىتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  كېلىشىمگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرى (بازارغا كىرگۈزۈش ھەققى، سىزىقلىق كود ھەققى، دۇكانغا سېلىش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جۇڭگو نېفىتىنىڭ مەملىكەت دائىرىسىدىكى 19 مىڭ كوئېنلۇن خاۋكې قولاي دۇكىنى، 30 مىڭغا يېقىن جۇڭگو نېفىت–خىمىيەسى يىجيې قولاي دۇكىنى ۋە جۇڭگو تېلېگرافى بىلەن زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان 3000 ھەمكارلاشقۇچى تاللا بازىرىغا، تيەنيى چىقىمدانى بار بولغان مەخسۇس پوكەيلىك تىجارەت زالى، دۇكىنى ۋە تيەنيى چىقىمدانىنىڭ توردا سېتىش تورىغا ھەقسىز كىرگۈزۈلىدۇ.

  ئىگىلىشىمچە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ساھەسى ھۆل–قۇرۇق مېۋە ۋە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، ئاشخانا يېمەكلىكلىرىنى سېتىش، بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە خاس قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى تىجارىتى(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدىكەن، جۇڭگو نېفىتى كوئېنلۇن خاۋكې چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئۈچ كارخانا مەھسۇلاتلارنى پارچە سېتىش يوللىرىغا ئوڭۇشلۇق كىرگۈزۈشكە مەسئۇل بولىدىكەن ھەم مۇناسىپ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ھەمكارلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت ساھەسىدىكى تەشۋىقاتنى كېڭەيتىپ، مەھسۇلات ئېچىش، خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش، تور جەھەتتىن قوللاش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ ھەمكارلىشىپ، بازارنى ئورتاق ئېچىپ، بازار تىجارىتى پائالىيىتىنى بىرلىكتە پىلانلاپ، تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر