باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەيخۇ كۆلى دۇنيا مەدەنىيەت مۇنبىرىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.10.19 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەيخۇ كۆلى دۇنيا مەدەنىيەت مۇنبىرىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش − ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم كۈچ. ئىنسانلار باشتىن ئاخىر ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىشى، بىلىشى داۋامىدا ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. تەيخۇ كۆلى دۇنيا مەدەنىيەت مۇنبىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىنىدا «مەدەنىيەتلەر دىيالوگى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش» ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئادىل- ھەققانىي بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. مەدەنىيەت ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش بىلەن رەڭدارلىشىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش بىلەن موللىشىدۇ. بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، باشقىلار بىلەن ئىناق بىللە تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پائال كۈچ قىلىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى خالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر