باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 69 ناھىيە، شەھەر، رايون مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى بولۇش ئۆلچىمىگە يەتتى

2018.10.22 16:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ناھىيە رايونلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دۆلەت ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىلتىماس قىلغان 13 ناھىيە، شەھەر، رايوننىڭ ھەممىسى دۆلەت بەلگىلىگەن باھالاش-بېكىتىش ئۆلچىمىگە يەتكەن. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى بولۇش ئۆلچىمىگە يەتكەن ناھىيە، شەھەر، رايون 69 غا يېتىپ، قاپلىنىش نىسبىتى %70.4 بولغان. ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى پۈتۈن رايون بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتكەن بولۇپ، پۈتۈن رايون بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغان رايون سەككىزگە يەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يېڭىدىن باھالاش ئۆلچىمىگە يەتكەن 13 ناھىيە، شەھەر، رايون غۇلجا ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى، جىڭ ناھىيەسى، شىخو شەھىرى، جېمىنەي ناھىيەسى، خوشۇت ناھىيەسى، كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شايار ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى، باي ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى ۋە يوپۇغا ناھىيەسىدىن ئىبارەت. دۆلەت مائارىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئالاقىدار باھالاش چارىسىگە ئاساسەن، بۇ ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي ئۆلچىمىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش ئەھۋالى، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ئارا تەكشى بولۇش ئەھۋالى، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى ئەھۋالى، ئاممىنىڭ ئۆز ناھىيە، شەھەر، رايونىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى جەھەتلەردىن تەكشۈرگەن.

  دۆلەت مائارىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس ئەھۋالىغا قارىتا، ئاپتونوم رايون ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىن تۈزىتىش مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىشنى پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، خاس يارقىن نۇقتىلارنى مۇستەھكەملەپ، ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئوقۇتۇشى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى قوزغىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى تەكشى تەرەققىياتىنىڭ ئۇل ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش كېرەك. جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا تۈرلەر بويىچە تەدبىر قوللىنىش ئومۇمىي پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەبلەغ بايلىقى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشى، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشىنى قوللاپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش؛ شىمالىي شىنجاڭدا 2020-يىلىغا بارغاندا مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، سۈپەتلىك مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر