باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەخسىي تاپاۋەت بېجى مەخسۇس تۈرىنىڭ قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش ۋاقىتلىق چارىسىگە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىندى

2018.10.22 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن تۈزگەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى مەخسۇس تۈرىنىڭ قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش ۋاقىتلىق چارىسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا تۈنۈگۈندىن باشلاپ،جەمئىيەتتىن ئىككى ھەپتە ئاشكارا پىكىر ئېلىش رەسمىي باشلاندى. «ۋاقىتلىق چارە» دە شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنىدا پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، ئۈزلۈكسىز مائارىپ قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك مەخسۇس تۈرنىڭ قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش ھەققىدىكى كونكرېت يولغا قويۇش چارىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  شەخسىي تاپاۋەت بېجى مەخسۇس تۈرىنىڭ قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش 5000 يۈەنلىك ئاساسىي تۇتۇپ قىلىنىدىغان ھەقنى چىقىرىۋېتىش ۋە ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند قاتارلىق مەخسۇس تۈرنى چىقىرىۋەتكەندىن باشقا، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، ئۈزلۈكسىز مائارىپ، ئېغىر كېسەلنى داۋالىتىش، تۇرالغۇ قەرز پۇل ئۆسۈمى ياكى تۇرالغۇ ئىجارە ھەققى، شۇنىڭدەك ياشانغانلارنى بېقىش قاتارلىق مەخسۇس تۈر قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ. «ۋاقىتلىق چارە» دە مەخسۇس تۈرنىڭ قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش دائىرىسى ۋە ئۆلچىمى بەلگىلەندى. جۇڭنەن مالىيە ئىقتىساد سىياسىي قانۇن داشۆسى مالىيە باج شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى شۈ جيەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان چارىدە ئادىللىق بىلەن ئۈنۈمگە بىر قەدەر ياخشى ئېتىبار بېرىلگەن، يۈكنى يېنىكلىتىش سالمىقى مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى بولغان، باج ئېلىشنى باشقۇرۇشتىمۇ ئاددىي بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلگەن، باج تاپشۇرغۇچىلارنى تۈرلۈك ئىسپات بىلەن تەمىنلەتكۈزۈشتىن ئامال بار ساقلىنىلغان. ۋاقىتلىق چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەخسۇس تۈرنىڭ قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمى ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس ؛ مائارىپ، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالىنىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى چىقىمىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرىغا قاراپ مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ۋاقىتلىق چارىگە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىنغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر