باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇجوۋ ناھىيەسىدە ئوقۇغۇچىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويغان ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ساقچىخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى توردا تارقالدى

شۇ جايدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈشكە كىرىشتى

2018.10.19 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، توردىكى ماقالىدە ئىنكاس قىلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، خۇنەننىڭ جۇجوۋ ناھىيەسى يۈخوڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بىر ئايال ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويغانلىقتىن، ساقچىلار تەرىپىدىن جۇجوۋ ناھىيەسى لۇكوۋ ساقچىخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ، يەتتە سائەت تەكشۈرۈلگەن. مۇخبىرنىڭ 18-ئۆكتەبىر كەچتە جۇجوۋ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتە مۇخبىرلىق قىلىپ ئىسپاتلىشىچە، شۇ جايدىكى تارماقلار بۇ ئىشنى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، ۋەقەگە چېتىشلىق جۇجوۋ ناھىيەسى لۇكوۋ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ فامىلىلىك خىزمەتتىن توختىتىلغان.

  جۇجوۋ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ 18-ئۆكتەبىر مۇخبىرغا ئۇقتۇرۇشىچە: 17- ئۆكتەبىر جۇجوۋ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بۇ ئىشقا قارىتا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان، 18-ئۆكتەبىر ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى لۇكوۋ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ فامىلىلىكنى خىزمەتتىن توختاتقان. نۆۋەتتە، تەكشۈرۈش جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى 19-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنىدىكەن.

  جۇجوۋ ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدىغانلىقىنى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر