10- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئارتېسلار گۇاڭجوۋ چوڭ تىياتىرخانىسىدا «شۇندىن بېرى» دېگەن ئۇسسۇلنى ئوينىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئۇسسۇلچىلىقىدىكى ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى ۋە زامانىۋى ئۇسسۇللارنىڭ «نېلۇپەر مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچىلەرنى باھالاپ چىقىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار ئويۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئويۇشتۇرغان 11- نۆۋەتلىك پائالىيتى 10- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە گۇاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىم باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان نومۇرلار ئىچىدىكى «سەھنىدىكى بىر مىنۇتلۇق كۆرۈنۈش، سەھنە كەينىدىكى نەچچە يىللىق قان تەردىن كەلگەن» دېگەندەك نومۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق نومۇرلار بولسا، ئۇزاق ۋاقىتلىق مەشىق قىلىش ۋە رېپېتىتسىيە قىلىشتەك باسقۇچلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي سەھنىگە ئېلىپ چىقىرىلىپ، ئاخىرى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن نومۇرلاردۇر. ئۇلاردىكى ھەربىر ئۇسسۇل ھەرىكىتىگە ئارتېسلارنىڭ نۇرغۇن ئەجىرلىرى سىڭگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى