خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 16- ئۆكتەبىر كەچ، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر ۋە بېلگىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى مىچېلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مەخسۇس ئايروپىلاندا بىريۇسسېل خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. لى كېچياڭ ئۇ جايدا 12- نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە بېلگىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.
زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ خانىمى چېڭ خۇڭ، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى. بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى كابېنت ئەزالىرى ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل گىلەمنى بويلاپ تىزىلىپ، بۇرغا-كانايچىلار ھۆرمەت بىلدۈردى. جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى جاڭ مىڭ، جۇڭگونىڭ بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ساۋ جۇڭمىڭ قاتارلىقلار ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيا مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ۋە مۇقىمسىزلىققا تولغان، لېكىن تىنچلىق، تەرەققىيات، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق يەنىلا دەۋرنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولماقتا. ئاسىيا ۋە ياۋروپا دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي بۆلەك ۋە مۇقىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، دۇنيا تىنىچلىقىنى قوغداپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققى قىلىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى