خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16- ئۆكتەبىر خەلق سارىيىدا نورۋېگىيە پادىشاھى خارالد Ⅴ بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېڭى دەۋردە جۇڭگو-نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىدا يېڭى سەھىپە ئېچىشقا بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ خارالد Ⅴنىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، خارالد Ⅴ ۋە نورۋېگىيە خان جەمەتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگو-نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو- نورۋېگىيە مۇناسىۋىتى 2016-يىلى نورماللاشقاندىن بۇيان، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو-نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھەمدە تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ پايدا ئېلىشتەك دەۋر ئېقىمىغىمۇ ئۇيغۇن. نورۋېگىيە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىكى ئورنىنى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. كېلەر يىلى، جۇڭگو-نورۋېگىيە دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ نورۋېگىيە تەرەپ بىلەن بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جۇڭگو-نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى