باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە كىم جوڭئۇننى زىيارەتكە كېلىشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

چاۋشيەن بىلەن رۇسىيەنىڭ ئالاقىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

2018.10.17 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوفنىڭ 15-ئۆكتەبىر دەلىللىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيەگە زىيارەتكە كېلىش تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، كىم جوڭئۇننىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇش ۋاقتى، شۇنىڭدەك رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش ئورنىنى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق كېڭىشىپ بېكىتىدىكەن.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىم جوڭئۇننىڭ رۇسىيەدىكى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى رۇسىيە- چاۋشيەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق، بولۇپمۇ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى ئىختىلاپى كۆرۈنەرلىك بولغان ئەھۋالدا ئاستىدا، بۇ قېتىمقى زىيارەت رۇسىيەنىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىدىكى دىپلوماتىك تىركىشىشىدىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، شۇنداقلا چاۋشيەننىڭ يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىشىگە پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر