باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: چىشنى مەھكەم چىشلەپ، نىشانغا قاراپ غەيرەت بىلەن ئىشلەيدىغانلا بولساق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ غەلىبىسىنى كۆزلىگەن مۇددەت ئىچىدە قولغا كەلتۈرەلەيمىز

2018.10.18 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى بەشىنچى نۆۋەتلىك خاتىرە كۈنى يېتىپ كەلگەن بۇ پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن بۇ 40 يىل ئېلىمىزدە نامراتلىقنى تەدرىجىي تۈگىتىشتىكى 40 يىل بولدى. 40 يىللىق جاپالىق كۈرەش ئارقىلىق، 700مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ،ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە يارىتىلدى.نۆۋەتتە بىزنىڭ ئالدىمىزدا يەنە جۇڭخۇا مىللەتلىرىدە ئۇزاق تارىخىي زامانلاردىن بېرى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇ كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشتەك بۇ ۋەزىپە تۇرماقتا. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە مۇۋەپپەقىيەتكە يېقىنلىشىپ قالغان بولساقمۇ، ئەمما بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز،غەلىبە قىلىش ئىرادىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، ھەقىقىي ئەمەلىي تۇتقاندا، نامرات رايونلاردىكى بارلىق كادىرلار ۋە ئامما داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگەندە، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، چىشىنى مەھكەم چىشلەپ، نىشانغا قاراپ غەيرەت بىلەن ئىشلىگەندىلا ئاندىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جايلار ۋە تارماقلار چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەز ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇش كۈچىنى زورايتىشى، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، پەۋقۇلئاددە نامرات ئاھالىلەرگە تېخىمۇ كۈچلۈك يۆلەش تەدبىرىنى قوللىنىشى، مەبلەغنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، نامراتلارنى يۆلەشنى باھالاش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. نامراتلارنى يۆلەپ تۇرغۇزۇش بىلەن بۇ جەھەتتىكى ئىرادىنىتىكلەپ تۇرغۇزۇش ۋە بۇ جەھەتتىكى ئەقىلنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، نامرات رايونلار ۋاە نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى بارلىق جانلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوزغاپ، بۇ يىل يەنە 10 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى ئازايتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا، 2020-يىلى ئېلىمىزدە ھازىرقى ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولغان يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر