خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى زېلاندىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن يېڭى زېلاندىيە غەرب شامىلى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بىرلىكتە جاكارلىشىچە، ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، يېڭى زېلاندىيەدە دۇنيادىكى تۇنجى ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان «بوشلۇقتىكى تاكسى» مۇلازىمەت تۈرىنى يولغا قويۇشقا كۈچەيدىكەن.
سۈرەتتىكىسى: يېڭى زېلاندىيە غەرب شامىلى ئاۋىياتسىيە شىركىتى تەمىنلىگەن بوشلۇقتىكى تاكسىنىڭ ئۈلگە تىپلىق ئۇچقۇسى «كورا»نىڭ ماتېرىيال سۈرىتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى