باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاۋات ناھىيەسىدە 5-نۆۋەتلىك مۇسەللەس مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى(1)

ئۈزۈم ھارىقىنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، كىشىلەر مۇسەللەستىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى!

2018.10.17 16:48   مەنبە: خەلق تورى

ئاۋات ناھىيەسىدە 5-نۆۋەتلىك مۇسەللەس مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەسەنجان مەمتىلى خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسىدە 5-نۆۋەتلىك مۇسەللەس مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

  5-نۆۋەتلىك مۇسەللەس مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنىڭ ئاساسىي مەيدانى دولان مەدەنىيەت مەيدانىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، «قۇتلۇق كۈنلەر» ناملىق نومۇر بىلەن پائالىيەتنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكىدىكىلەر ئورۇندىغان «چىنە ئۇسسۇلى» تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئۇسسۇلچى قىزلار بېشىغا پىيالە قويۇپ، لەرزان ئۇسسۇللىرى بىلەن مۇسەللەس مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. ناخشىچى ۋاڭ ياڭ ئېيتقان «زابوينىڭ باھارى»، «شىنجاڭچە تەم» قاتارلىق توردىكى مودا ناخشىلار نەق مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى پائالىيەت نەق مەيدانىدا توختىماي ياڭرىدى.

  «شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن دولقۇن» ناملىق ئۇسسۇلدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەر نامايان قىلىنىپ، ئاۋات ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلدى. شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئورۇنلىغان «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» ناملىق نومۇردا ھاياتىي كۈچكە تولغان ئۇسسۇل قەدىمى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشلىرى تولۇق نامايان قىلىندى.

  مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇزىكىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، يېڭىئېرىق بازىرىدىن كەلگەن 240 دېھقان بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ مەشرەپكە چۈشتى، ھەرىكەتلىرى رەتلىك ھەم بىردەك بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئارقىدىن، نەق مەيداندىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن بىرلىكتە مەشرەپكە چۈشۈپ، شادلىق تەنتەنىسى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئاخىرلاشتۇردى.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار مۇسەللەس ئۆرپ- ئادەت كوچىسىغا كېلىپ دولان دېھقانلار رەسىم كۆرگەزمىسى، سەييارە فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، دولان يېمەك- ئىچمەكلىرىگە ئېغىز تېگىپ، مۇسەللەس ئەنئەنىۋى ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنى يېقىن ئارلىقتىن كۆرۈپ، يەنە مۇسەللەسلەرنى ھەقسىز تېتىپ كۆرۈپ، تاماشىبىنلار كۆرۈش، ئاڭلاش، تېتىپ كۆرۈش ئارقىلىق دولان مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ چۈشەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى