10- ئاينىڭ 16- كۈنى، ساياھەتچىلەر "لوپنۇرلۇقلار كەنتى" ئىچىدە تۆگىلەرگە مىنىشىپ ساياھەت قىلىشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالتۇن كۈزدىكى ئۆكتەبىردە، شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان لوپنۇر ناھىيەسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. لوپنۇر ناھىيەسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلاندا، 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە، لوپنۇر ناھىيەسى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش نەتىجىسىدە، كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 230مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.46 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى