- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى تېز گەۋدىلەندى
___ مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى
2018.10.19 16:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى 18-ئۆكتەبىر 2018-يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئېلىمىز مالىيە كىرىمىنىڭ يۈرۈشىشىدە قانداق گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلەر بار؟ مالىيە كىرىمى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب نېمە؟ مالىيە چىقىمى ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدىكى ئاكتىپلىقنى قانداق نامايان قىلىدۇ؟
مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بۇ قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.
مالىيە كىرىمى مۇقىم، بىر قەدەر تېز ئاشتى
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 14 تىرىليون 583 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشقان. مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمىدىكى باج كىرىمى 12 تىرىليون 748 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.7 ئاشقان؛ باجدىن باشقا كىرىم 1 تىرىليون 834 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.8 تۆۋەنلىگەن.
مالىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت خەزىنىسى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇ چياڭ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك پۈتۈن مەملىكەت مالىيە كىرىمىنىڭ مۇقىم، بىر قەدەر تېز ئېشىشى ئاساسلىقى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاساسلىق باج كىرىمىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان. مەسىلەن: كارخانا تاپاۋەت بېجى بىلەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %12.5، %21.1 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت مالىيە كىرىمىنىڭ تۆت پىرسەنت پوئىنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، سانائەت، سودا، ئۆي-زېمىن كارخانىلىرىنىڭ تاپاۋەت بېجى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %21.4، %22.1، %17.6 ئېشىپ، ئاساسلىقى ئالاقىدار كارخانىلار ئۈنۈمىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باج كىرىمىنىڭ بىر قەدەر تېز ئېشىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، مالىيە كىرىمىنىڭ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت باج كىرىمىنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %87.4كە يېتىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىلدىكىدىن 3.7 پىرسەنت پوئىنت ئۆستى.
دۇ چياڭ مۇنداق دېدى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتا ساھەلىرىنىڭ ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىي بىلەن مۇقىم بولغان پۇل سىياسىتى ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ بىر قەدەر ياخشى تاماملىنىپ، مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىدۇ. لېكىن نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىشىدىكى قىسمەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىش كېرەك، كېيىنكى باسقۇچتا مالىيە كىرىمىنىڭ يۈرۈشۈشى دۇچ كەلگەن ئېنىقسىزلىق ئېشىپ، باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت مالىيە كىرىمىنىڭ يىل بېشىدىكى كۆزلىمە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، لېكىن ئاخىرقى بىر نەچچە ئايدا ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىشى مۇمكىن.
باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى تېز گەۋدىلەندى
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە پۈتۈن مەملىكەت مالىيە كىرىمى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، بىر قەدەر تېز ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مۇقىملىق ئاساسىدا ئاستىلاش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. 9-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 تۆۋەنلەپ، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمىدىكى باج كىرىمى ئاران %6 ئېشىپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.
بۇنىڭغا قارىتا، مالىيە مىنىستىرلىقى باج مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى يۈەن خەيياۋ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مالىيە كىرىمى بىر قەدەر تېز ئاشتى، بۇ ئاساسلىقى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئېشىش سۈرئىتىنىڭ بىر قەدەر تېز بولغانلىقىنى نەتىجىسى. لېكىن كېيىنكى يېرىم يىلدا، باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، سىياسەت ئۈنۈمى تەدرىجىي گەۋدىلىنىپ، باج كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىدى.
يۈەن خەيياۋ مۇنداق دېدى: باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ كۆپ خىل ئېففېكتى بار، ئۇ كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈش، ئىستېمال ئېھتىياجىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا مالىيە كىرىمى ئازلىغان بولسىمۇ، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە مالىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشنى مەۋقە قىلىپ، ئارغامچىنى ئۇزۇن قويۇۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېلان قىلىنغان باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە باجنى كېمەيتىش، تېخىمۇ روشەن ھالدا ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر