باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نىڭدې: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى "سۇ تامچىلاۋەرسە تاشنى تېشەر" روھى (ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز. 100 شەھەر، 100 ناھىيە ۋە 100 كارخانىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى)

2018.10.17 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان نىڭدې، ئادەتتە شەرقىي فۇجيەن، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىلگىرى باشقىلارغا بېرىدىغىنى «كونا، ئاز، چەت، ئارال، گاداي» دېگەندەك تەسىرلەر ئىدى. ئۇ جاي ئىنقىلابى كونا رايون بولۇپ، شېزۇ مىللىتى مەملىكەت بويىچە ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ھەمدە تەيۋەن بوغۇزىغا جايلاشقان جاي. ئۇ يەردە تەۋەسىدىكى چوڭ-كىچىك ئارالدىن 643سى بار بولۇپ، ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە مەركەزلىك تۇتاشقان 18 نامرات رايونلارنىڭ بىرى ئىدى. نامرات ۋە قالاق بولغاچقا، نىڭدې بىر چاغدا جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويىدىكى «ئۈزۈلگەن ئالتۇن بەلباغ» دەپ ئاتالغان ئىدى.

  30 يىلدىن بۇيان، نىڭدې باشتىن-ئاخىر «تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»نى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، «ئاجىز قۇش ئاۋۋال ئۇچار»، «سۇ تامچىلاۋەرسە تاشنى تېشەر» دېگەندەك روھ بىلەن ئۇزاققىچە ئۈزۈلدۈرمەي تۆھپە قوشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. نامراتلار نوپۇسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ80 يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى 775 مىڭ ئادەمدىن تۆۋەنلەپ، «12- بەش يىللىق پىلان»نىڭ ئاخىرىدىكى 115 مىڭ تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسقا چۈشكەن ئىدى، 2017- يىلى نامراتلىقنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %0.028غا تۆۋەنلىدى. دەل جايىدا يۆلەش ۋە دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتنىڭ ھەقىقىي دەلىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «نىڭدې ئەندىزىسى» مانا ھازىر «نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىشنىڭ جۇڭگوچە يولىدىكى ئۈلگىسى»، دەپ ئاتالماقتا.

  ئىدىيەۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يېتىلدۈرۈپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرۈگۈچ كۈچنى قوزغىتىش كېرەك

  نەمخۇش دېڭىز شامىلى يەلپۈپ تۇراتتى، جۇڭ خۇاجيېنىڭ كۆلەڭگۈسى سەندۇ بازىرىدىكى دېڭىز ئۈستىدىكى بېلىقچىلار قاتارىدا نامايان بولدى. نىڭدې شەھىرىنىڭ تەشۋىقاتچى خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭ خۇاجيېنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، بېلىقچىلارغا پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشتۇر.

  «بىزنىڭ سەندۇئاۋدا سېرىق گوربىل بېلىقى ئەڭ داڭلىق، ئويلاپ بېقىڭلار، بىر جىڭ سېرىق گوربىل بېلىقىنى قانداق قىلىپ 15 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە ساتقىلى بولىدۇ؟ جۇڭ خۇاجيې مۇشۇنداق بىر ئېغىز گەپ بىلەن بېلىقچىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. «يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى مانا ئەمدى بىزنىڭ دېڭىز-ئوكيان باقمىچىلىقىدىكى ئىستىقبالىمىزنى پارلاق قىلىۋەتتى.» جۇڭ خۇاجيې بېلىقچىلارنىڭ مەھسۇلاتنى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئۇسۇلى، دېڭىز-ئوكياننى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش دېگەندەك مۇشۇنداق تېمىلارنى چۆرىدەپ سۆزلىگەچكە، ئۇنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغان بېلىقچىلار بەكمۇ زوقلىنىپ كەتتى.

  «ئورتاق تىل»دا ئېنىق سۆزلەش، «يەرلىك تىل»دا ياخشى سۆزلەش ۋە «پۇقراچە تىل»دا جانلىق سۆزلەش ئارقىلىق، نەزەرىيە تەشۋىقاتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتتى. «نەگە بارساڭ شۇ جاينىڭ ناخشىسى توۋلا.» دېگەن گەپ بار. جوڭ خۇاجيې مۇنداق دېدى: بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت، سۆزلىگەن سۆزنى پۇقرالار "تىم ئولتۇرۇپ ئاڭلىيالايدىغان، ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان ۋە پىكىرنى ئېسىدە تۇتالايدىغان" قىلىشتۇر.

  ماكان نامرات بولسىمۇ، ئىدىيە ھەرگىز "نامرات" بولمىسۇن. نامراتلارنى يۆلەپ تۇرغۇزۇشتا، ئالدى بىلەن ئىرادىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇش كېرەك. ئىدىيەۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يېتىلدۈرۈپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرۈگۈچ كۈچنى قوزغىتىپ، «نەزەرىيە تەشۋىقاتىنىڭ ئاتلىق ئەسكىرى بولۇش»، بۇ دەل نىڭدېنىڭ ئىرادىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەدبىرىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر