باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«‹يېقىشلىق سۆزلەر›− باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر» جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2018.10.17 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۈ شياۋياڭ فۇجۇ شەھەرلىك ئاۋفېڭ ساقچىخانىسىنىڭ ئادەتتىكى بىر ساقچىسى. چۇڭياڭ بايرىمى كېلىش ئالدىدا، ئۇ تەۋەلىك رايونىدىكى ياشانغانلارغا بىر ئالاھىدە سوۋغات، يەنى ئۆز قولى بىلەن ياسىغان ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سوۋغا قىلدى.

  ئۇ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «مۇتەخەسسىس، ئالىملار مۇنبىرى» ئالاھىدە پىروگراممىسى «‹يېقىشلىق سۆزلەر›− باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 5-قىسمى «كۆلەمدە ۋاپادارلىقنى يەتكۈزۈش»نى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلانىدى. بۇ قىسىمدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن «ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش» ۋاپادارلىق ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكى سۆزلەنگەنىدى.

  ئاۋفېڭ ساقچىخانىسىنىڭ تەۋەلىك رايونى فۇجۇ كونا شەھەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ياشانغانلار بىر قەدەر كۆپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەپتىدە ئىككى-ئۈچ ياشانغان كىشىنىڭ يىتۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ساقچىلار ياشانغانلارنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى ئۈچۈن ئىككى ئۆلچەملىك كود ياساپ بېرىپ، يان تېلېفوندا سىكاننېرلىسىلا شەخسىي ئۇچۇرىنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلدى، ھازىر تەۋەلىك رايوندىكى 15 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىدىكى ياشانغانلاردا بۇ ئىككى ئۆلچەملىك كود بار.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ياشانغانلارنى بېقىش، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق بىلدۈرۈش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش نۇرغۇن كىچىك ئىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەت ئورنۇمنى مەۋقە قىلىپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ياشانغانلارغا ھەر تەرەپتىن غەمخورلۇق قىلىمەن.

  پىروگراممىنىڭ 6-قىسمى «كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى»دىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ سۆزلەنگەن.

  شاڭخەي شەھىرى شۈخۇي رايونى خۇڭمېي كوچا باشقارمىسى مەھەللىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ساۋ لېي مۇنداق دېدى: پىروگراممىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى توغرىسىدىكى ئۆرنەكلىرى كۆپ جەھەتتىن چۈشەندۈرۈلۈپ، بىزگە زور ئىلھام بەردى. ئۆزىنى تەربىيەلەش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىقى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇدىغان ھەرىكەت. پىروگراممىدا دېيىلگەنگە ئوخشاش، ئۆزىنى تەربىيەلەش بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك دەرس تېمىسى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر