باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئايدا CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5 ئاشقان

2018.10.17 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 16-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان 9-ئايلىق مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچى (PPI) سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان، بۇمۇ CPIنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش نىسبىتىدىن ئۇدا تۆت ئاي ئېشىشى ھېسابلىنىدۇ؛ PPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.5 پوئىنت تۆۋەنلەپ، مال باھاسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.

  ئالدىنقى ئاي بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 9-ئايدا CPI %0.7 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئاي بىلەن تەڭلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك باھاسى %2.4 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئاي بىلەن تەڭلىشىپ، CPIنىڭ تەخمىنەن 0.46 پىرسەنت پوئىنت ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن؛ يېمەكلىكتىن باشقا نەرسىلەرنىڭ باھاسى %0.3، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت ئېشىپ، CPIنىڭ تەخمىنەن 0.25 پىرسەنت پوئىنت ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

  يېمەكلىك باھاسى يەنىلا CPIنىڭ ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئېشىشىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى بولغان. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچىسى شېڭ گوچىڭنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ياز، كۈزنىڭ ئالمىشىشى ۋە قىسمەن رايونلارنىڭ تەيۋېڭ بورىنى، كۈچلۈك ھۆل-يېغىن ۋە مۆلدۈر قاتارلىق ناچار ھاۋا رايىغا ئۇچرىشىشىنىڭ تەسىرىدە، كۆكتات باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %9.8، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.8 پىرسەنت پوئىنت ئېشىپ، CPIنىڭ تەخمىنەن 0.25 پىرسەنت پوئىنت ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

  بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، 9-ئايدا يېمەكلىك باھاسى %3.6 ئېشىپ، CPIنىڭ تەخمىنەن 0.69 پىرسەنت ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن؛ يېمەكلىكتىن باشقا نەرسىلەرنىڭ باھاسى %2.2 ئېشىپ، CPIنىڭ تەخمىنەن 1.78 پىرسەنت پوئىنت ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن. يېمەكلىكتىن باشقا نەرسىلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى CPIنىڭ ئېشىشىغا خېلى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر