باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى جاڭ ياڭنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشنى، دېلوغا چېتىشلىق پۇل-مالنى قانۇن- ئىنتىزام بويىچە قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلدى

2018.10.17 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ھەربىي كومىتېتنىڭ سابىق ئەزاسى، ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۇسىنىڭ سابىق مۇدىرى جاڭ ياڭنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، جاڭ ياڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامىغا ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن- بەلگىلىمىلىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، پارا بېرىش، پارا ئېلىش، زور مال- مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولۇپ، قىلمىشى ناھايىتى ئېغىر، ناھايىتى ناچار تەسىر پەيدا قىلغان.

  جاڭ ياڭ پارتىيەگە سادىق ئەمەس، يۇۋاش بولمىغان، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىپ، ئىككى يۈزلىمىچى بولغان، سىياسىي جەھەتتە ئۆزگىرىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاچ كۆزلۈك قىلغان، ئەخلاقى ناچار بولغان ھەمدە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىنىڭ جازاسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، پارتىيە ۋە ئارمىيە ئىشلىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن، ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمىتى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر دەرىجىدە داغ تەگكۈزگەن. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش ئارقىلىق، جاڭ ياڭنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، دېلوغا چېتىشلىق پۇل-مالنى قانۇن-ئىنتىزام بويىچە قايتۇرۇۋېلىش قارار قىلىندى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت جاڭ ياڭنىڭ ھەربىيلىك سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بىكار قىلىنغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر