باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «جۇڭگو (خەينەن) ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.10.17 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن جۇڭگو (خەينەن) ئەركىن سودا سىناق رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ خەينەن ئەركىن سودا سىناق رايونى، دېيىلىدۇ) تەسىس قىلىشنى تەستىقلاپ قوشۇلدى ھەمدە «جۇڭگو (خەينەن) ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى ئومۇمىي لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەينەن ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، بىر تۇتاش مۇلاھىزە قىلىپ، ئىلمىي پىلانلاپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىرادىسىنى نامايان قىلىدىغان زور تەدبىردۇر. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىپ، تېخىمۇ چوڭ ئىسلاھاتتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىش، يۈرەكلىك سىناپ، يۈرەكلىك ئېچىپ، ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، خەلقئارالاشقان، قولايلاشقان سودا مۇھىتى ۋە ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بازار مۇھىتىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى خەينەن ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك يېشىل تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىسلاھات سىستېمىسىنىڭ ئۇيۇشۇشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  «لايىھە»دە، خەينەن ئارىلىنىڭ پۈتۈن ئارال بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىشىدەك بىر پۈتۈن ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىناق رايونى، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى، خەلقئارا ساياھەت ئىستېمالى مەركىزى ۋە دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك مۇلازىمەت كاپالىتى رايونى قۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەينەننى ئېلىمىزنىڭ تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيانغا يۈزلەنگەن مۇھىم سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر