باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى فاڭ فېڭخۇيغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى، ئۇنىڭ قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش جىنايى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى

2018.10.17 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ھەربىي كومىتېتنىڭ سابىق ئەزاسى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە باش ئىشتابىنىڭ سابىق ئىشتاب باشلىقى فاڭ فېڭخۇينىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، فاڭ فېڭخۇي پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ھەربىي كومىتېتنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا، تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، پارا بېرىش، پارا ئېلىش، زور مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق، قىلمىشى ناھايىتى ئېغىر، سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇپ، ناھايىتى ناچار تەسىر پەيدا قىلغان.

  فاڭ فېڭخۇي پارتىيەگە سادىق ئەمەس، يۇۋاش بولمىغان، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىپ، ئىككى يۈزلىمىچى بولغان، سىياسىي جەھەتتە ئۆزگىرىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاچ كۆزلۈك قىلغان، پارتىيەنىڭ ئىشلىرىغا ۋە ئارمىيەنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن بولۇپ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش ئارقىلىق، فاڭ فېڭخۇيغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى. ھەربىي تەپتىش ئورگىنى فاڭ فېڭخۇي دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت فاڭ فېڭخۇيغا ھەربىيلىك سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بىكار قىلىنغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر