باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەنە 85 نامرات ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى

2018.10.17 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن يەنە خۇشخەۋەر كەلدى. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى، شەھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈشى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە ئاشكارىلىشى قاتارلىق تەرتىپلەردىن ئۆتۈپ، يەنە ئۈچىنچى تەرەپ باھالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەخسۇس باھالاش، تەكشۈرۈشى ئارقىلىق 2017-يىلى 2-تۈركۈمدە چېكىنىپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان 85 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش شەرتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پىڭشەن ناھىيەسى، گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ تۇڭزى ناھىيەسى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ لىنجۇ ناھىيەسى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لياڭداڭ ناھىيەسىدىن ئىبارەت توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى 85 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇنىڭ بىلەن 2017-يىلى چېكىنىپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى 20 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى 125 نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر