خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16- چېسلا خەلق سارىيىدا ئەنگىلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى پېررى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ پېررىنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، غەرب ئەللىرى يېڭى جۇڭگوغا قارىتا سودىنى قامال قىلغان پەيتتە، سىزنىڭ دادىڭىز ئەنگلىيە سودا سانائەت ساھەسىدىكى نەچچە ئون بىلىملىك زاتلارنى باشلاپ، قاتمۇقات توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ جۇڭگوغا كېلىپ، «مۇز يېرىش سەپىرى»نى باشلاپ، جۇڭگو-ئەنگىلىيە دوستلىقىنىڭ بىر بۆلەك قىزىق داستانىنى يېزىپ چىقىپ، بەك قالتىس ئىش قىلغان ئىدى. جۇڭگو خەلقى ئۇ جاپالىق يىللاردا جۇڭگو-ئەنگلىيە ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپە قوشقان ئۇ پېشقەدەم دوستانە زاتلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. «مۇز يېرىش سەپىرى» ئۆتۈپ كەتكىلى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى، دۇنيادىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، لېكىن «مۇز يېرىش سەپىرى» يەنىلا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بۈگۈن، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ دوستلۇقى ئىككى دۆلەتتە كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. جۇڭگو ـ ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدىكى «ئالتۇن دەۋر»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھازىر ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. مەن «مۇز يېرىش سەپىرى» روھىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. 48 گۇرۇھ كۇلۇبى ۋەكىللىكىدىكى بۇ يېڭى بىر ئەۋلاد «مۇز ئېرىتكۈچىلەر» جۇڭگو-ئەنگلىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا داۋاملىق تۈردە ۋە تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۆز كۈچلىرىنى سەرپ قىلىدۇ. بىز ئىشىنىمىزكى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-ئەنگلىيە دوستلۇقى چوقۇم ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ، ئۇنىڭ تارىخى مۇستەھكەملەنگۈسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى