باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قىرىم كېرىچ سانائەت ئىنستىتۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 19غا يەتتى

2018.10.18 17:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي ئۇچىدىكى كېرىچ سانائەت ئىنستىتۇتىدا 17- ئۆكتەبىر پارتىلىتىش ۋە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 19 ئادەم ئۆلدى، 47 ئادەم يارىلاندى.

  تاسس ئاخبارات ئاگېنتىلىقىنىڭ شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

  قىرىم رايونىنىڭ باش مەمۇرى شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ گۇماندارى كېرىچ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدىكى بىر ئوقۇغۇچى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئوقۇغۇچى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى، ئۇنىڭ جەسىتى كېرىچ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا بايقالدى، ۋەقەنىڭ كونكرېت سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، دېدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇكرائىنا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ قىرىمدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، پارتلاش كېرىچ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئاشخانىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاز دېگەندە 10 ئادەم ئۆلگەن. ئەمما ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسلىدىكى خەۋىرىدە نەق مەيداندا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

  شۇ كۈنى ئەتىگەندە، رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، بۇ ۋەقەگە قارىتا جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈشىنى باشلىغان بولۇپ، ئارقىدىن، قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە قايتىدىن جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈشىنى باشلىدى.

  2014- يىلى 3- ئايدا، قىرىم ۋە سېۋاستوپول شەھىرىدە ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا %90تىن ئارتۇق ئاۋاز بەرگۈچى ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئاۋاز بەرگەن ئىدى. ئۇكرائىنا ئەينى چاغدا يۇقىرىقى ئۇ ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشنى ئېتىراپ قىلمىغان بولۇپ، قىرىم ۋە سېۋاستوپول شەھىرىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇۋېتىلىشىگە قارشى تۇرغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر