باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىسلاھات مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.10.19 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىسلاھات مۇنبىرى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە پائال قاتنىشىشىغا ئېرىشىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ داۋاملىق ئورتاق تىرىشىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر ئەمەلىيلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ساھە. بىز ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، يەر شارى ئېنېرگىيەسىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى خالايمىز. يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارنىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يەر شارى ئېنېرگىيە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق زور مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېنېرگىيە مەنبەسى ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر