باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوتتۇراھال كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېلىمىزنىڭ شىمالىي رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

2018.10.22 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانىسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۆلچەرلىنىشىچە، 21-ئۆكتەبىر كېچىدىن 23-ئۆكتەبىرگىچە، ئوتتۇراھال كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېلىمىزنىڭ شىمالىي رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، نىڭشيا، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇل، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق جايلاردا تۆت بالدىن ئالتە بالغىچە شەرقىي شىمال شامىلى چىقىپ، تېمپېراتۇرا ℃4تىن ℃6 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن، قىسمەن جايلاردا 8 سېلسىيە گىرادۇستىن ئارتۇق تۆۋەنلەيدىكەن؛ شىنجاڭنىڭ ئالتاي قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇرىھال قار ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن. ئۇندىن باشقا، 21-ئۆكتەبىر كېچىدىن 23-ئۆكتەبىرگىچە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، گەنسۇنىڭ غەربى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، سەنشىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە خېبېينىڭ غەربىي شىمالى قاتارلىق جايلاردا قۇم يېغىپ، چاڭ - توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن.

  تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا سىلجىغان دېفورماتسىيە سىزىقىنىڭ تەسىرىدە، 21-ئۆكتەبىر كېچىدىن 23-ئۆكتەبىرگىچە جەنۇبىي جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمى ۋە يۈننەننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن؛ گۇاڭشىنىڭ غەربىي شىمالى ۋە گۇاڭدۇڭنىڭ غەربىي شىمالىدىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن.

  10-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 20 دىن 23-كۈنى سائەت 20 گىچە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي شىمالى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، شىزاڭنىڭ شەرقىي قىسمى، چىڭخەينىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئالتاينىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر