باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2019-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن باشلاندى

14 مىڭ 500دىن ئارتۇق ئادەم قۇبۇل قىلىش پىلانلاندى

2018.10.22 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئۆكتەبىر دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارغا 2019-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىشقا مەركەز ئورگانلىرى 75 ئورۇن ۋە 20 بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار قاتنىشىدىغان بولۇپ، 14 مىڭ 500دىن ئارتۇق ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاساسلىقى توردا تىزىملىتىدىكەن، تىزىملىتىش ۋاقتى 2018-يىلى 10- ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە بولىدىكەن. ئاممىۋى پەنلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانى 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 2- كۈنى مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە قىسمەن چوڭراق شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىنىدىكەن.

  ئىمتىھان ئارقىلىق قۇبۇل قىلىش شەكلى جەھەتتە، داۋاملىق ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەمدە شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئاپپاراتلارنىڭ خىزمەت ئورنىغا ئايرىم ئومۇمىي پەنلەر يېزىقچە ئىمتىھان سوئالى تۈزۈلۈپ، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى ئورگانلارنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئوخشاشمىغان تەلەپلىرى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسپىي ئىقتىدارى ۋە ساپاسىغا بولغان تەكشۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدە كەسىپ خىزمەت ئورنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى خەلق ساقچىلىرى خىزمەت ئورنى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئورتاق تىل ئىشلەتمەيدىغان سەككىز ئورنىغا قارىتا، «X+2» ئىمتىھان ئەندىزىسى يولغا قويۇلىدىكەن، يەنى مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدار سىنىقى ۋە مۇھاكىمە-باياندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاممىۋى پەنلەرنىڭ ئىمتىھانىدىن سىرت، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يەنە كەسپىي پەن ئىمتىھانىغا ياكى چەت ئەل تىلى سەۋىيە سىنىقىغا بىر تۇتاش قاتنىشىدىكەن، يەنە 41 ئورۇن يۈزتۇرانە ئىمتىھان باسقۇچىدا كەسپىي ئىقتىدار سىنىقىنى تەشكىللەيدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىشتا ئاساسىي قاتلام يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا مەمۇر قوبۇل قىلىشتا، قىسمەن ئالاھىدە خىزمەت ئورنى ۋە كەسىپچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان خىزمەت ئورۇنلىرىدىن باشقا ھەممە ئورۇنلارغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى ئاساسىي قاتلام خىزمەت تەجرىبىسى بار بولغانلار قوبۇل قىلىنىدىكەن، شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئاپپاراتلاردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاساس قىلىنىدىكەن، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان مۇنەۋۋەر ئىستۇدېنتلارنى ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئورۇنلىرىغا تىزىملىتىپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تۆھپە يارىتىشقا يېتەكلىنىدىكەن ۋە رىغبەتلەندۈرۈلىدىكەن. شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئاپپاراتلاردىكى خىزمەت ئورنىدا، پىرىنسىپ جەھەتتىن %10تىن %15كىچە پىلان ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش تۈرىدىكى خادىملارنى نىشانلىق قوبۇل قىلىشقا ئىشلىتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى ئىستۇدېنت كەنت كادىرلىرى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغانلار 10- ئاينىڭ 21-كۈنىدىن كېيىن دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتى (http://www.scs.gov.cn)دە ۋە مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارغا 2019-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش مەخسۇس تور بېكىتى (http://bm.scs.gov.cn/kl2019)گە كىرىپ ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش ئېلانى، ئىمتىھان ئارقىلىق قۇبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرى، تىزىملىتىش قوللانمىسى، ئىمتىھان پىروگراممىسى، سىياسەت، قانۇن-نىزام قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر