باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېبېي ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جيېخۇينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا سوت ئېچىلدى

2018.10.19 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 18- ئۆكتەبىر ئوچۇق سوت ئېچىپ، خېبېي ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جيېخۇينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا قاراپ چىقتى. تەييۈەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم قاتناشتۇرۇپ ئەيىبلەشنى قوللىدى، جاۋابكار جاڭ جيېخۇي ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى.

  تەييۈەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 2001- يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، جاۋابكار جاڭ جيېخۇي لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر باشلىقى، ج ك پ ئەنشەن شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ۋە خېبېي ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن قولايلىقلار ياكى خىزمەت ھوقۇقى، مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەرگە كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى، قەرز پۇلغا ئېرىشىش، كارخانىلارنى سېتىۋېلىش، تۈرگە ئىشلىتىلدىغان يەرلەرنى تەستىقلاش ۋە ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدا يەتكۈزگەن بولۇپ، بىۋاسىتە ياكى ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر ئارقىلىق قانۇنسىز ھالدا مۇناسىۋەتلىك خادىملار بەرگەن، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 126 مىليون 997 مىڭ 676.5 يۈەن قىممىتىدىكى پۇل-مالنى قۇبۇل قىلغان. قانۇن بويىچە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جاڭ جيېخۇينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگانلىرى ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، جاڭ جيېخۇي ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسىنى يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتنى دەلىللىدى، ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ تولۇق پىكىر بايان قىلدى، جاڭ جيېخۇي ئەڭ ئاخىرىدا سۆز بايان قىلىپ، سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جاۋابكارنىڭ تۇغقانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاخبارات مۇخبىرلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ئاممىدىن بولۇپ 90 نەچچە كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا سوتخانا سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر