باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن كۈچكە ئېرىشىش

2018.10.22 16:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹يېقىشلىق <سۆزلەر> باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر›› پىروگراممىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. 10-ئاينىڭ 19-كۈنى مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ‹‹مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى›› ئالاھىدە پىروگراممىسىدا ‹‹يېقىشلىق <سۆزلەر> باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر››نىڭ 12 قىسمى تولۇق كۆرسىتىپ بولۇندى. ئۇدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پىروگراممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ، ئۆرنەكلەرنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشتىن نەپكە ئېرىشتى، تونۇشىنى ئۆستۈردى.

  كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹يېقىشلىق <سۆزلەر> باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر››دىن مەنىۋى كۈچكە ئېرىشىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ‹‹بۇ پىروگراممىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك نامايان قىلىنىپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈلدى››. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كەسپىي ئورۇنلار كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۈنگې مۇنداق دېدى: ‹‹يېقىشلىق <سۆزلەر> باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر›› پىروگراممىسى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ھەممە قىسمىنى تولۇق كۆرۈپ، زور نەپ ئالدىم، بولۇپمۇ 10-قىسمى ‹‹ئەلنىڭ ئىدارە قىلىنىشى ئىختىساسلىقلارغا باغلىق›› مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ پىروگراممىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىختىساسلىقلار دېگەن نېمە، ئىختىساسلىقلارنى قانداق تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلارنى قانداق ئىشلىتىش تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈپتۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بارلىق چارە-تەدبىرلەر بىلەن ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم قاتتىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. پىروگراممىنىڭ 9-قىسمى ‹‹سېسىغان بامبۇكلار تۈمەن تال بولسىمۇ، چوقۇم چېپىپ تاشلاش كېرەك››تە باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلۈپ، چوڭقۇر شەرھلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پاكلىق ئىدىيەسىگە چۈشەنچە بېرىلگەن. ‹‹پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە قاتناشقۇچىلار، كونكرېت ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەر ۋە ئەمەلىي نەپ ئالغۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تەسىراتىمىز تولىمۇ روشەن بولدى››. غۇلجا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئايقىن قۇسايىن مۇنداق دېدى: بىز ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرلىرى پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالغان بولۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قوغداپ، ئاممىغا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تېخىمۇ كۆپ ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چاڭجياڭ يولى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ جۇبىن مۇنداق دېدى: مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پاكلىق خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ تۇنجى قەدىمى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خىزمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئىچكى جەھەتتە قەلبىمىزگە سىڭدۈرۈپ، تاشقى جەھەتتە ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، تەۋەلىكىمىزنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غورۇچۆل بازىرى قۇمئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئاينۇر باقى روھلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: 11-قىسىم ‹‹قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان چىدامچانلىق روھى بولۇش كېرەك››نى كۆرگەندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىرادەم ۋە ئېتىقادىم تېخىمۇ چىڭىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى كادىرلارنى تاۋلايدىغان ‹‹چوڭ پېچ››، يېزا-كەنتلەر ئېتىقادنى چىڭىتىدىغان كەڭ سەھنە. بۇنىڭدىن كېيىن، كەنتتە تۇرۇشلۇق مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، چىن ھېسسىيات ۋە ئەجىر سىڭدۈرۈش بەدىلىگە ئاممىنى ‹‹بەخت كۆرسەتكۈچى››گە ئېرىشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ شىيا، جاۋ چۈنخۇا، لى چۈنشيا، ليۇ جىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى ياڭ شۆجۈن)






ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر