باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قىشلىق قار–مۇز ساياھىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

2018.10.22 16:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹خۇددى باھار شامىلى تۇيۇقسىز كەلگەندەك، بىر كېچىدە دەل–دەرەخلەر ئاچتى نەشپۈتتەك چېچەك››. 10–ئاينىڭ 18–كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى دېرىزە پەردىسىنى ئېچىپ، سىرتنىڭ ئاپئاق كۈمۈش لىباسقا ئورالغانلىقىنى كۆردى. 10–ئاينىڭ 17–كۈنى كېچىدىن 10–ئاينىڭ 19–كۈنى كۈندۈزگىچە، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قىسمىدا قار ياغدى.

  خىرۇستالدەك ئاپئاق قار زېمىنغا لەپىلدەپ چۈشۈپ، شىنجاڭ قار–مۇز ساياھىتىنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بەردى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئالدىنئالا پىلانلاپ، لايىھە تۈزۈپ، بۇ قىشلىق قار–مۇز ساياھىتىنى باشلاش ئالدىدا تۇرماقتا.

  قار تېيىلغاندا ‹‹مۈشۈكئېيىق››تەك كىيىنىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ يىل قىشتا ئۈرۈمچى شەھىرى كەڭلىك گىرادۇسى تۆۋەن قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹قۇياش نۇرىدا قارنى سەيلە قىلىش ئۈرۈمچى›› قىشلىق–ئەتىيازلىق ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ. لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىمۇ قار – مۇز ساياھىتى تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 10–ئاينىڭ 17–كۈنى، يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى سۈنئىي ئۇسۇلدا قار ياغدۇرۇشقا باشلاپ، يېڭى قار پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە تەييارلىق قىلدى.

  10–ئاينىڭ 15–كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى قىشلىق ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، قىشلىق ساياھەت خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ‹‹پاكىز زېمىن قاناس، قار ماكانى ئالتاي›› داڭلىق ماركىسىنى ياڭرىتىپ، شىنجاڭ قار–مۇز ساياھىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

  خۇش خەۋەر! قاناس مەنزىرە رايونى پۈتۈن يىل تاغنى تاقىمايدۇ. ئالتاي ‹‹ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي››، ‹‹جۇڭگودىكى قار ماكانى›› ھەمدە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن قىشلىق قار–مۇز ساياھىتى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىش پەسلى ئۇزاق بولۇش، قار مىقدارى مول بولۇش، قار سۈپىتى ياخشى بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ‹‹جۇڭگودىكى قار ماكانى›› ئالتاي. قىش پەسلىدە پۈتۈن مەنزىرىنى ساياھەت قىلىش، قىشتا غەلىتە مەنزىرىنى ساياھەت قىلىش، قىشتا ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتۈش ساياھىتى، قارلىق دالىدا يۈرۈش خاتىرىسىدىن ئىبارەت تۆت ساياھەت لىنىيەسىنى ئاچتى.

  بۇ يىل قىشتا، تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن، چاغانتوقاي، دۆربىلجىندىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيەنىڭ قار تېيىلىش مەيدانىنى تايانچ قىلىپ، ئۈرۈمچى، قاراماي، سانجى، شىخەنزە قاتارلىق جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى قار تاماشاسىغا جەلپ قىلىشقا تەييارلىق قىلدى. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چەي خۇڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تارباغاتاي ۋىلايىتى ھازىر قاراماي شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن ئاكتىپ ئۇدۇللىشىشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا، بۇ ئارقىلىق تارباغاتاي بىلەن قاراماي، ئالتاينىڭ ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر–بىرىنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۈچ جاينىڭ قار–مۇز ساياھىتىگە ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل قىشتا سانجى ئوبلاستى ‹‹قار تېيىلىش+ئارىشاڭ›› ئىچكىرىلەپ ساياھەت قىلىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ‹‹مۇز بىلەن ئوتنى تەڭ تاماشا قىلىش›› قىشلىق–ئەتىيازلىق ساياھەت تۇيغۇ تۈرلىرىنى يولغا قويىدىكەن. ‹‹يىپەك يولى تىڭجوۋ تەنتەنە بايرىمى. سانجى قىشلىق كۆڭۈللۈك ساياھىتى›› يۈرۈشلۈك بايراملىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مەنزىرە رايونلىرى ئارقىلىق قار–مۇز ساياھىتى، يېزا–كەنت ساياھىتىنى يېتەكلەيدىغان ‹‹قىشلىق تەتىللىك ئۆگىنىش ساياھىتى››، ‹‹مۇز بىلەن ئوتنى تەڭ تاماشا قىلىش››، ‹‹بەدەن ساغلاملىقى كۈتۈنۈش ساياھىتى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ساياھىتى››، ‹‹يېزا ئۆرپ–ئادىتى قىزىقارلىق ساياھىتى››، ‹‹خۇشال ھالدا بايراملىق مال سېتىۋېلىش ساياھىتى››دىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ساياھەت تۈرىنى يولغا قويىدىكەن.

  تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى قار–مۇز دۇنياسى ساياھىتىنى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، تىيانشان بوغدا كۆلى قار تېيىلىش مەيدانى، فۇكاڭ ۋۇجياڭ ئارىشاڭى بىلەن ساياھەت لىنىيەسى تۈرلىرىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، قاتناشنى تۇتاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قار تېيىلىش، ئارىشاڭغا چۈشۈش، بوغدا كۆلى قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

  موڭغۇلكۈرە، توققۇزتارا قاتارلىق ناھىيەلەر قار–مۇز مەدەنىيەت–ساياھەت بايرىمى، قىزىقارلىق تۈرلەر مۇسابىقىسى ۋە دالىدا قار تېيىلىش، قاردا چېلىشىش، قاردا ۋېلىسىپىتنى ئاستا مىنىش، قاردا ئارغامچا تارتىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، ‹‹تەنتەربىيە+ساياھەت›› ئارقىلىق شەكلى كۆپ خىل قىشلىق قار ئۈستى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  بورتالا شەھىرى قار–مۇز ‹‹نادام›› يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەيدۇ، بۇلار قىزقۇۋار، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق مىللىي ئۆرپ–ئادەت ئويۇنىنى، يەنە ئالاھىدە مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، سايرام كۆلى بويىدا مۇز ھەيكەلنى تاماشا قىلىش، مۇز بىلەن قاپلانغان كۆلنى تاماشا قىلىش، بىر مەيدان ‹‹قارلىقتىكى ئاجايىپ ئۇچرىشىش››نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  10–ئاينىڭ 11–كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى 4–پەسىللىك شىنجاڭ ساياھەت خىزمىتىنى پەرقلىق ئورۇنلاشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئاممىۋى خاراكتېرلىك قار–مۇز تەنتەربىيە ساياھىتى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاۋام ساياھەت بازىرى كۆلىمىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئالتاي ئوتتۇرا ھال، يۇقىرى سەۋىيەلىك بازارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قار–مۇز ساياھەت مەنزىلى ماركىسىنى بەرپا قىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ مىللىي ئۆرپ–ئادەت مەدەنىيەت مەنزىرە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىرنەچچە ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، لىنىيە ئارقىلىق ئومۇمىي دائىرىنى يېتەكلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي گەۋدە ساياھەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر