- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى
2018.10.23 15:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22 – ئۆكتەبىر، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، تەكشۈرۈپ بايقالغان ۋە كارخانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرمىلار قىلىندى؛ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ زايوم ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاش قوراللىرىنى تەسىس قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىش قارار قىلىندى؛ «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش»تىكى دۆلەتلىك سىستېمىنى قۇرۇپ چىقىپ، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشى جەزىملەشتۈرۈلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن خىرىسلىرى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپى بويىچە، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانا ئويلىغاننى ئويلاپ ۋە كارخانا ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ھەر خىل توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ بازار ئىجازىتى چەكلىمىسىنى يەنىمۇ ئازايتىش كېرەك. يىل ئاخىرىغىچە، بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشىنى تاماملاپ ھەمدە ئۇنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «چەكلىمىسىز كىرىش»نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. كېلەر يىل 3- ئايدىن بۇرۇن، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنىڭ سىرتىدا چەتئەل مەبلىغىنى تەسىس قىلىش ئىجازەت چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاپ ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىچكى ۋە تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى ئۆلچىمىنىڭ بىردەك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قاتارلىقلاردىكى رەسمىيەتلەرنى يەنىمۇ قىسقارتىش كېرەك. ھازىرقى ئىجازەت تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاپ چىقىپ، كېلەر يىلى 3- ئايدىن بۇرۇن يېڭى مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىدىكى تىزىملىكنى ئېلان قىلىپ چىقىش كېرەك، بولمىسا، تىزىملىك سىرتىدىكى ئىجازەتلەر بىردەك ھالدا بەلگىلىمىگە خىلاپ تەستىقلىمىلار دەپ قارىلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى تەستىقلاشنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، كېلەر يىلى تولۇق تەرتىپتىكى ۋە پۈتۈن قاپلاش خاراكتېرىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاشتىكى تۈزۈم ئىسلاھاتىنى مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك مەبلەغ سېلىشلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىتىنى توردا بېجىرىش خىزمىتىنىڭ ھەممىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، كارخانىلار تىزىمدىن ئۆچۈرۈش تەرتىپىنى سەرخىللاشتىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشلىرى كېرەك. تۆتىنچىدىن، كارخانىلارنىڭ باج يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ باج سېلىقى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يىللىق تەكشۈرۈلۈشى ۋە قالدۇق گاز چىقىرىشىدىكى «بىر قېتىملىق تەكشۈرۈلۈشى، بىر قېتىملىق ھەق ئېلىنىشى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، %10 تىن يۇقىرى بولغان مەجبۇرلاش خاراكتېرىدە يولغا قويۇلغان مەھسۇلات تۈرلىرىنى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئۆزى بايانات ئېلان قىلىش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇش كېرەك. مائارىپ، داۋالاش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ۋە تامغا ئويۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە ھەق ئېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر ساھە جەمئىيەتلىرى ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ھەق ئېلىشىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. بەشىنچىدىن، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ ، مەمۇرىي جازا تۈرلىرىنى ئىخچاملاپ، ئۆلچەملىك ۋە ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، خالىغانچە قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تەك قانۇن ئىجرا قىلىش ئەھۋاللارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر