باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 نەپەر «ئەڭ گۈزەل ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي» نامزاتلار ئىسىملىكى ۋە ئىش-ئىزلىرى ئېلان قىلىندى

2018.10.23 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 22-ئۆكتەبىر 20 نەپەر «ئەڭ گۈزەل ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي» نامزاتلار ئىسىملىكى ۋە قىسقىچە ئىش - ئىزلىرىنى ئېلان قىلدى. ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 20 نەپەر «ئەڭ گۈزەل ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي» نامزاتى ئىچىدە، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئادەن قولتۇقىدا دېڭىز قاتنىشىنى قوغداشقا قاتناشقان «بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئايال ئەسكەر» سۇڭ شى، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ۋاكالىتەن ۋاپادارلىق كۆرسەتكەن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي ۋاڭ گۈيۋۇ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن قىسىمنىڭ مەخپىيىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئىسىم فامىلىسىنى 37 يىل يوشۇرغان 1-دەرىجىلىك تۆھپىكار ۋۇ خۇڭ، بىر ئۆمۈر 110 مىڭدىن ئارتۇق ياخشى ئىش قىلغان مەرھۇم ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي شېن رۇبو، كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن تەن ئەزالىرىنى بەش بىمارغا تەقدىم قىلغان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي خۇ چېن، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى قۇرغان ھەمدە كۆپلىگەن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم قىلغان چېن كۇنيۈەن قاتارلىقلار بار.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «ئەڭ گۈزەل ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر»دىن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان بولۇپ، جايلار 67 نامزاتنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئۇنىڭدىن تاللاش ئارقىلىق 20 نەپەر نامزاتنى بېكىتكەن. بۇ قېتىمقى ئېلان قىلىش ۋاقتى بەش كۈن، ئېلان قىلىش ۋاقتى ئىچىدە ئېلان قىلىش ئوبيېكتىغا باشقىچە پىكىر بولسا، تېلېفون ئۇرۇپ ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر