باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى، ۋاڭ خۇنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى

2018.10.23 17:02   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17-قۇرۇلتىيى 22-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، ﻟﻰ ﻛﯧﭽﻴﺎڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى، ۋاڭ خۇنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

  خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17- قۇرۇلتىيى» دېگەن پىلاكات ئېسىلغان ئىدى، كەينى تەرەپتىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىگە سىمۋول قىلىنغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى گېربى كۆزنى چاقنىتاتتى، 10 قىپقىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە قاتار تىزىلغانىدى. ئىككىنچى قەۋەتتىكى بالكونغا «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۈز مىليونلىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!» دېگەن چوڭ لوزۇنكا ئېسىلغان ئىدى.

  مىليونلىغان ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، مەملىكەتنىڭ ھەرساھە، ھەر كەسىپلىرىدىن كەلگەن جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 17- قۇرۇلتىيىنىڭ 2000دىن ئارتۇق ۋەكىلى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان 100گە يېقىن ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 يېرىمدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن چاۋاك ئاۋازى ياڭرىدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش يېڭى سەھىپىسىنى نامايان قىلايلى» دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى. ۋاڭ خۇنىڭ ئالدى بىلەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دىدى: 18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشچىلار سىنىپى يۈكسەك خوجايىنلىق بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەمىلىيىتىگە پائال ئاتلاندى. جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى تۆھپە يارىتىشقا تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى