باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇلۇغ ئۆزگىرىش __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

2018.10.23 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرىدىغان قويۇق ئىجتىمائىي كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن يارىتىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز ئىسلاھات ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، بېيجىڭ شەھىرى بېيجىڭدا ئۇلۇغ ئۆزگىرىش __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسىنى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرىدۇ. نۆۋەتتە، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

  چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي تېما قىلىنىپ، دىققەت چوڭ ئىشلار، خۇشاللىنارلىق ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق شانلىق مۇساپىسى، ئۇلۇغ نەتىجىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرى كۆپ نۇقتا، تولۇق كۆرۈنۈشلۈك مەركەزلەشتۈرۈلۈپ كۆرگەزمە قىلىنىپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ پارتىيەمىز يېڭى دەۋر شارائىتىدا مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب ئىكەنلىكى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارىدىغان سىياسىي جاسارىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسى؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئىشەنچ، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش ئىكەنلىكى گەۋدىلىك نامايان قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر