ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان داۋانچىڭ شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ كەچكى شەپەق مەنزىرىسى (2014-يىلى 6- ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»كە قاتنىشىش، كۆمۈر زاپاس ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىلەن تەڭشەش-ئالماشتۇرۇش سودىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا ئۇسۇلىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى»نىڭ تورغا ئۇلىنىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك تارقىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 13 پىرسەنت پوئېنتىغا يېقىن ئاشتى، تاشلاندۇق توك مىقدارى ۋە تاشلاندۇق توك نىسبىتى «قوش تۆۋەنلەش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسى بولۇپ، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى زاپىسى مول. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار ئومۇمىي مىقدارى 27 مىليون كىلوۋولتتىن ئېشىپ، كۆلىمى ۋە ئىگىلىگەن نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى