10-ئاينىڭ 21-كۈنى، پولشا پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق جۇڭگو ئالىي مائارىپ كۆرگەزمىسىدە پولشالىق ئوقۇغۇچىلار ئېلىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.
جۇڭگو دۆلەتلىك چەت ئەلدە ئوقۇش فوندىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە جۇڭگونىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان 2018-يىللىق جۇڭگو ئالىي مائارىپ كۆرگەزمىسى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئېلىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۇزلۈك تونۇشتۇرۇپ، پولشالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا كىلىپ بىلىم ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىندى. (ياپ ئالىن فوتوسى)