- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شويىگۇ: سۇرىيە تەۋەسىدىكى ئىسلام دۆلىتى تەلتۆكۈس يوقىتىلدى
2018.10.23 08:47 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە RT تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويىگۇ شۇ كۈنى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن 5- نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزە دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا دوكلات بەرگەندە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى : رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان قوللىشى ئارقىسىدا، ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۇرىيە تەۋەسىدىكى قوراللىق كۈچلىرى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلدى. RT تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شۇ كۈنى شويگۇنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، سۇرىيە تەۋەسىدە جەمئىي 87 مىڭ 500 دىن كۆپرەك قوراللىق ئۇنسۇر يوقىتىلىپ، سۇرىيەنىڭ % 95 تىن كۆپرەك زېمىنى ۋە ئاساسلىق شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1411 ئاھالىلەر رايونىنى ئازاد قىلىنغان، تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ تەخمىنەن 122 مىڭ ئەسلىھەسى ۋەيران قىلىنغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر