باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشقا سەۋەب بولغىنى نېمە؟

2018.10.23 08:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا گوللاندىيە باتارېيە ياسمىچىلىق كارخانىسى ۋوكىس شىركىتى، 1مىليارد 850مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگودا يېڭى ئېنېرگيەلىك لىتىي باتارېيەسى دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇش تۈرى ۋە تەتقىقات بازىسى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى، بۇ ھەم جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىنى يەنىمۇ ئېچىۋەتكەنلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى بېشارىتى ھەم ياۋروپانىڭ ياۋروپا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى قەدىمى.

  شۇنىڭدىن كېيىنلا ئاسىيا، ياۋروپادىكى 51 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىككى كۈنلۈك ئاسىيا ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ ئېچىۋېتىش، ئەركىن سودىغا كۈچ چىقىرىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى، ئۇلار يەنە ئىران يادرو كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقى، يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  قانداق نەرسە ئاسىيا ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت بۇ ئىككى قىتئەدىكى دۆلەتلەرنى بىر يەرگە ئىتتپاقلىشىشىغا سەۋەب بولدى؟

  بىرىنچىدىن، ئامېرىكا ھەيۋە قىلىۋاتقان سودا قورۇقچىلىق ئۇسۇلى يەر شارىغا خىرىس ئېلىپ كەلدى، ئۇ زور مىقداردىكى جۇڭگو تاۋارلىرىدىن نورمىدىن سىرت تاموژنا بېجى ئېلىپلا قالماي، يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بازارنى ئېچىۋېتىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قەدىمى ئاستا بولدى دەپ ئەيىبلىدى، ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى رۇس ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەھدىت سېلىپ: زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ سەۋرىسى چەكلىك دېدى.

  ئامېرىكا ياپونىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سۆھبەتتە «ئامېرىكا، مېكسىكا، كانادا كېلىشىمى»نى دوراپ، بازار ئىگىلىكى دۆلەتلىرىدىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشنى چەكلەش ھەققىدىكى «زەھەرلىك ماددا»نى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىقتىسادشۇناسلار بۇنىڭغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ ئۇسۇل يەر شارى ئىقتىسادىنى پارچىلىۋېتىدۇ دېدى.

  يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ئامېرىكا ئۇدا بىرقانچە قېتىم دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەرزىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ سوتچى تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. تىنچ ئوكيان ھالقىغان شىركلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارالىق تەشكىلات، ئاپپاراتلاردىن چېكىنىپ چىقتى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يەنە خەلقئارا پوچتا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىمىز دەپ تەھدىت سالدى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ئامېرىكىنىڭ توپتىن چېكىنىپ چىقىشىدىكى سەۋەب ئامېرىكا ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراپتۇ، زىيان تارتىپتۇ. شەك شۈبھىسىزكى ۋاشىنگتوننىڭ ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتى ۋە ئۇسۇلى كۈنسېرى يەر شارىنىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسى ۋە مۇقىملىقى، نورمال يۈرۈشۈشىگە تەھدىت سالماقتا.

  بۇنىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىغان ئاسىيا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ بۇ ئېغىر خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى مۇقەررەر، تەشكىللىگۈچى تەرەپ ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۆتكۈزگەن بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ : ياۋروپا ۋە ئاسىيا: يەر شارىدىكى شېرىكلەر يەر شارى خىرىسىغا تاقابىل تۇرايلى دېگەن بۇ باش تېمىسىنىڭ ئۆزىلا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىگە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگېرىن: ئاسىيا ياۋروپا باشلىقلار يىغىنى تىرامپقا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەرقانداق كىشىگە قارىتىلغان يىغىننى ئۆتكۈزمەيدۇ دېدى. ئەمما گېرمانىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: موگېرىن يەنە بىزنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئۆز قارالمىمىز بار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىدىن كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئەركىن ئادىل سودا، خەلقئارا يادرو قورالىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك كېلىشىمىگىچە بىز كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوللايمىز دەپ كۆرسەتتى. «ئىرېلاندىيە ۋاقىت گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىنىپ: بۇ ئاسىيا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ تىرامپقا بەرگەن كۈچلۈك سىگنالى دەپ قارالدى.

  ئاسىيا ياۋروپا باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش بىلەن بىرگە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە، جۇڭگو، نورۋېگىيە دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئامېرىكىنىڭ پولات ئاليۇمىن تاموژنا بېجى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى باھانە قىلىپ ئىمپورت قىلىنغان پولات ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن كۆپەيتىپ باج ئېلىش قارارىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشنى قارار قىلدى، بۇ ئۇسۇل ھەم ئاسىيا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرتەرەپلىمىلىككە كوللېكتىپ ياق دېيىشى ھەم دۇنيانىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك سودا سىستېمىسىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، ئاسىيا ياۋروپا دۆلەتلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرىدىكى سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىن باشقا يەنە نەزىرىنى ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈردى. بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى يىپەك يولى ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرۇپ، گۈللىنىش ۋە تىنچلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى، 2013-يىلى جۇڭگو بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى چىقىرىپ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا، مەبلەغ سېلىش ۋە سودىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى، 2016-يىلى جۇڭگو موڭغۇلىيەدە ئۆتكۈزگەن ئاسىيا ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىدا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملىدى، بۇ نۆۋەتلىك يىغىندىن ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلدى.

  جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئوخشىمىغان نۇسخىدىكى بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش يېڭى ئىستراتېگىيەسى جۇڭگو ياۋروپا ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت ۋە ھەمكارلىق رامكىسى ئېلىپ كەلدى، ياۋروپا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يەنىمۇ يۇغۇرىلىشىغا تۈرتكە بولدى، مەلۇماتقا قارىغاندا، نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئارىسىدىكى كۈندىلىك مال سودا سوممىسى 1مىليارد 500 مىليون ياۋروغا يەتكەن، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ــ ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەخت سائادىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، ئاسىيا ياۋروپا دۆلەتلىرى بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەزى زور تېمىلاردا جۈملىدىن يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى قاتارلىقلاردا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياكى ئوخشاش كۆزقاراش، سىياسەتلەرگە ئىگە. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە ئاسىيا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھۆكۈمەتلەر ئارا ئاتموسفېرا ئۆزگىرىشى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىنى قارشى ئالىمىز، بۇ دوكلاتتا ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلدى. نۆۋەتتە يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقى يېتەرلىك ئەمەس، پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىدە بېكىتىلگەن نىشانغا يېتىش قىيىن بولۇۋاتىدۇ، ئاسىيا ياۋروپا رەھبەرلىرى بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.

  ئاسىيا ياۋروپا پارىژ كېلىشىمىنى قوللايدۇ، يەر شارىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇشى، يەر شارىنى، ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىنى قوغدىشى كېرەك دەپ قارايدۇ، كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئامېرىكا يەر شارىدىكى پارىژ كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققان بىردىن بىر دۆلەت.

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئاسىيا ۋە ياۋروپا مۇنداق دەپ قارىدى: ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى قوغداش خەلقئارا كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلىشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى، تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئىران بىلەن داۋاملىق سودا ئالاقىسى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى جازالايمىز دەپ تەھدىت سېلىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋە يەر شارى خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىگە خىرىس ئېلىپ كەلدى.

  شەك شۈبھىسىزكى قائىدە ئاساس قىلىنغان بىر خەلقئارا تەرتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان بىر كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسى، كەلگۈسىگە نەزەر سالغان، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان بىر مەسئۇلىيەتچان خەلقئارا جەمئىيەت ئاسىيا ياۋروپانىڭ ئارزۇسىغا، يەر شارىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى 51 دۆلەت يەر شارىدىكى %60 نوپۇس، %65 ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە يەر شارىنىڭ %55 سودا سوممىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ ساداغا ۋاشىنگتون سەل قارىيالمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر