باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاننىڭ 3-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى تالىبان كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمى ئەۋج ئالغان ئەھۋالدا ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى

2018.10.23 08:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستاننىڭ تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىنكى 3-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى تالىبان كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمى ئەۋج ئالغان ئەھۋالدا ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى، جامائەتچىلىك بۇ قېتىملىق سايلام ئافغانىستان خەلقنىڭ زور غەلىبىسى دەپ ھېسابلىدى.

  پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش ئافغانىستان خەلقىنىڭ زور غەلىبىسى بولدى. ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنداق دېدى: ئافغانىستان مىللىي پارلامېنتى خەلق پالاتاسى يەنە تۆۋەن پالاتا سايلىمى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلدى،2500 دىن ئارتۇق نامزات خەلق پالاتاسىدىكى 249 ئورۇننى تالاشتى.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 6 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە غەنى رەپىقىسى بىلەن پايتەخت كابۇلدىكى 10 ساقچى رايونىنىڭ بىر مەكتەپ ئىچىدىكى ئاۋاز بېرىش نۇقتىسىغا كېلىپ ئاۋاز بەردى. سائەت 7 دە، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ نەق مەيداندا ئاۋاز بېرىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. خىزمەتچى خادىملار غەنىنى تىزىملىغاندىن كېيىن، نامزاتلارنىڭ ئۇچۇر بېسىلغان سايلام بېلىتىنى ئۇنىڭغا بەردى. غەنى نامزاتلارنى تاللىدى ھەمدە ۋەكىللەرگە ئاۋاز بېرىدىغان سۆسۈن رەڭلىك سىياھقا بارماق ئىزىنى باستى.

  غەنى ئاۋاز بېرىش نەق مەيداندا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى : مۇشۇ پەيتتە، مەن بىر زۇڭتۇڭ بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا بىر سايلىغۇچى، مەن بارلىق ئافغانىستانلارنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت نامزاتلىرىغا بېلەت تاشلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن. غەنى يەنە ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتى، خەۋپسىزلىك ئورگىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ سايلام خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

  نەق مەيداندىكى بىر خىزمەتچىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، غەنى شۇ كۈنى مۇشۇ ئاۋاز بېرىش نۇقتىسىدا بىرىنچى بولۇپ ئاۋاز بەرگەن. پىلان بويىچە، نەق مەيداندا ئاۋاز بېرىش خىزمىتى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 كىچە داۋاملاشقان بولۇپ، سايلام كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا تاماملىنىپ، پۈتكۈل جەرياننىڭ ئاشكارا، ئېنىق بولۇشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىنغان.

  ئافغانىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، ئافغانىستان مىللىي پارلامېنتى دۆلەتنىڭ ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولۇپ، خەلق پالاتاسى ۋە مۆتىۋەرلەر پاتالاسىدىن تەشكىللىنىدۇ. بۇ قېتىمقى سايلام 2001-يىلى تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئافغانىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى.

  بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمى ئاسان قولغا كەلمىدى. بۇ نۆۋەتلىك مىللىي پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئەمەلىيەتتە 2015-يىلى توشقان، لېكىن مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ سايلام مەسىلىسىدە ئىختىلاپى بولغانلىقى ۋە خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى داۋالغۇش ئىچىدە تۇرغانلىقى، مەبلەغ قىيىنچىلىقى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سايلام قايتا-قايتا ئارقىغا سۈرۈلگەن.

  جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى سايلامغا ئېغىر خەۋپسىزلىك تەھدىتى بولدى. سايلام كۈنى پۇقرالار شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى : كابۇل شەھىرىدە كۆپ قېتىم پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى. مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى، جەنۇبىي قىسىمىدىكى قەندىھار ئۆلكىسىدە خەۋپسىزلىكنى قوغداش خادىملىرى خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ھۇجۇمى قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بۇ ئۆلكىنىڭ ساقچى تارمىقى، خەۋپسىزلىك تارمىقىنىڭ ئىككى مەسئۇلى قازا قىلدى، بۇ ئۆلكىنىڭ ئاۋاز بېرىش خىزمىتى كېچىكتۈرۈلدى.

  بۇندىن باشقا بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: پۈتۈن مەملىكەتتىكى 34 ئۆلكىدىكى 2000 غا يېقىن ئاۋاز بېرىش نۇقتىسى خەۋپسىزلىك تەھدىتى سەۋەبىدىن ئاۋاز بېرىشتىن بۇرۇن تاقاق ھالەتتە تۇرغان. بىراق، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى پايتەخت كوچىلىرىدا، يەنىلا كۆپلىگەن پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىش نۇقتىلىرىغا بۇرۇنلا يېتىپ بېرىپ، ئاۋاز بېرىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇندىن باشقا، يەنە ھەربىي ساقچىلار تەرتىپىنى ساقلاشقا قاتناشقان.

  بۇ قېتىمقى سايلام ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 50 ياشلىق سايلىغۇچى مۇھەممەد ئەزىم مۇخبىرغا، خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاۋاز بېرىش پۇرسىتىنى ناھايىتى قەدىرلەيدىغانلىقىنى « دۆلەت نۇرغۇن مۈشكۈل قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن كەچۇرگەنلىكىنى، جەمئىيەتنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئەمدى ئارقىغا چېكىنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىش، مەن خەتەردىن قورقمايمەن،ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئايال سايلىغۇچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : مەن چوقۇم بىر ئايال نامزاتلارغا ئاۋاز بېرىمەن، بىز بىر-بىرىمىزنى قوللىشىمىز كېرەك.

  ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 8 مىليون 900 مىڭ سايلىغۇچى بۇ قېتىمقى ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان،ئاۋاز بېرىش مەزگىلىدە يەنە تەخمىنەن 400 مىڭ كۆزەتكۈچى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قېتىمقى سايلام خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئافغانىستان جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كېلەر يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمى شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى، شۇڭا ئاۋاز بېرىش مەملىكەت بويىچە كەڭ دىققەت قوزغىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر