باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن، ئامېرىكىنى ئىشەنچلىكى كەمچىل ۋە تىلى بىلەن دىلى بىردەك ئەمەس دەپ تەنقىد قىلدى

2018.10.23 08:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى ئىمزالىق ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى چاۋشيەنگە ئىككى يۈزلىمىچىلىك ھالدا مۇئامىلە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن چاۋشيەنگە قارىتىلغان جازانى يول قويۇش توغرىسىدا جار سالدى دېدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدى: يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇپ ئامېرىكا ئارزۇ قىلغان زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، چاۋشيەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ياخشى دەپ جار سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن داۋاملىق جازالايمىز دەپ، چاۋشيەنگە قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتتى. ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى : ئەگەر ئامېرىكا پيوڭياڭغا كېلىپ قىلغان سۆزى بىلەن ۋاشىنگىتونغا قايتىپ بارغادا قىلغان سۆزى ئوخشىمىسا، ئويى بىلەن سۆزى بىردەك بولمىسا، ئۇنداقتا ھازىرغىچە ناھايىتى تەستە بەرپا قىلىنغان ئۆز ئارا ئىشىنىشىش مۇنارى خەتەرگە يولۇقىدۇ.ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چاۋشيەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، چاۋشيەن-ئامېرىكا سۆھبىتىنى ھەقىقىي نىشانغا قاراپ ئىلگىرىل سۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر