باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە تەرەپ: كىم جۇڭئۇننىڭ بۇ يىل ئىچىدە كورېيەدە زىيارەتتە بولۇشنى كۈتمەكتىمىز

2018.10.24 10:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى كىم يىچيەن 10-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر چاۋشيەن-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبىتىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا، كورېيە چاۋشيەن دۆلەت كومىسسارىياتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ پىلان بويىچە بۇ يىل ئىچىدە سىئولدا زىيارەتتە بولۇشىنى كۈتمەكتە.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى بۇندىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ ياخشى لايىھە: ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن 11-ئايدا چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈش ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش خىتابنامىسى ئېلان قىلىش، ئارقىدىن كىم جۇڭئۇن كورېيەدە زىيارەتتە بولۇش ئىكەن. مۇشۇنداق بولغاندا، كىم جۇڭئۇننىڭ سېئۇلدىكى سەپىرى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدىكەن، بۇ كورېيە بىلەن چاۋشيەننىڭ سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق ئىكەن.

  بىراق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئەمەلدارى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاۋشيەن-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ سۆھبىتى يىل ئىچىدە ئۆتكۈزۈلمەسلىكى، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر