باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

2018.10.24 10:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىللىق دۇنيا مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا: دۇنيانىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ئېنىقسىز خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەبلەغ ئارقىلىق قوللاشقا تىرىشىپ يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

  2018-يىللىق دۇنيا مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، 160 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 5000دىن ئارتۇق كىشى مۇنبەرگە قاتناشتى، جۈملىدىن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەكىللىرى ھەمدە نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى مۇنبەر مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 60 نەچچە مەيدان پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە دۇنيانىڭ مەبلەغ سېلىش سىياسىتى ۋە مۇھىتىنى قانداق قىلىپ ياخشىلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلە مۇھىم نۇقتا بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر