باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ تېلېگرامما ئەۋەتتى

2018.10.24 17:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭنىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ تېلېگرامما ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ۋىيېتنام ئۆزئارا قوشنا ۋە مۇھىم ھەمراھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق داۋاملاشقان. بۇلتۇردىن بۇيان، مەن سىز بىلەن ئىككى يىلدىن كېيىن، قايتا ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشقا كەلدۇق. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، ئىككى تەرەپنىڭ پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلدى. مەن جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىز بىلەن بىرلىكتە «ئون ئالتە خەت»لىك فاڭجېن ۋە «تۆتتە ياخشى بولۇش» روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستېراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئونىتىلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستېراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە چىقىشىنى كۈچەيتىشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر