خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر كۆۋرۈك ئۈچ جاينى تۇتاشتۇرۇپ، تەبىئىي توسۇقلار چوڭ يولغا ئايلاندى. شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلاش مۇراسىمى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، كۆۋرۈكتە رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە كۆۋرۈكنى كۆزدىن كەچۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆۋرۈكنى لايىھەلەش، قۇرۇش، باشقۇرۇشقا قاتناشقان خادىملارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى لىڭدىڭياڭنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شەرقى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى بىلەن، غەربى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى بىلەن تۇتۇشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 55 كىلومېتىر كېلىدۇ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئاستىدا گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن تۇنجى قېتىم ھەمكارلىشىپ ياسىغان، ئىنتايىن چوڭ تىپتىكى دېڭىز ھالقىغان قاتناش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. كۆۋرۈكنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كۆۋرۈكتە قاتناش باشلاش مۇراسىمى جۇخەي چېگرا پورتى ساياھەتچىلەرنى تەكشۈرۈش بىناسىنىڭ چېگرادىن چىقىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30 دا، شى جىنپىڭ شادىيانە تەبرىك كۈيى ساداسى ئىچىدە مۇراسىم نەخ مەيدانىغا كىرىپ كەلدى، مەيداندا ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
كۆۋرۈكنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن ۋە خەن جېڭلار ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلدى.سائەت 10 لاردا، شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ «شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى» دەپ جاكارلىدى، مەيداندا قىزغىن چاۋاك ساداسى ياڭرىدى.
مۇراسىم ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق كىشىلەر جۇخەي چېگرا پورتى ساياھەتچىلەرنى تەكشۈرۈش بىناسىدىن چىقىپ، شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنى كۆزدىن كەچۈردى. لىڭدىڭياڭدا قۇياش بۇلۇتلارنى يېرىپ چىققان، تۇمانلار تارقىغان، دېڭىز كۆپكۆك رەڭگە كىرگەن بولۇپ، مەيىن كۈز شامىلى چىقىپ تۇراتتى، شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى خۇددى غايەت زور ئەجدىھاغا ئوخشاش پايانسىز دېڭىزدا غۇلاچ كېرىپ تۇراتتى.
شەرقىي سۈنئىي ئارال-شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ سۇ ئۈستى كۆۋرۈكى بىلەن سۇ ئاستى تونېلىنى تۇتاشتۇرۇش قىسمى چوڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىدىكى ھالقىلىق قۇرۇلۇش ئىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ماشىنا بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ، غەربىي تەرەپتىكى سۇپىغا چىقىپ چوڭ كۆۋرۈكنى كۆردى، سۈرەت، مودېلغا بىرلەشتۈرۈپ چوڭ كۆۋرۈكنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم چوڭ كۆۋرۈكنى باشقۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى __ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى، دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى. سىلەر چوڭ كۆۋرۈكنى لايىھەلەش، سېلىش، يۈرۈشتۈرۈشكە قاتنىشىپ، ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى نامايان قىلىپ، نۇرغۇن دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرنى يېڭىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇش تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىسىنى توپلاپ، سۈپەت ۋە مىقدارغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ۋەزىپىنى ئورۇنلىدىڭلار، مەن سىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭلاردىن ئىپتىخارلىنىمەن، سىلەرنىڭ قايتىدىن تەق بولۇپ، يېڭى يۈكسەكلىككە داۋاملىق يېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى