شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، مەركىزىي شەھەردىكى قاتناش قىستاڭچىلىق ئەھۋالىنى پەسەيتىپ، شەھەر ئاممىسىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى 12 يول تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلىدىكەن.
بۇ قېتىم تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلىدىغان يوللار تىيانشان رايونى، شىمىگو رايونى ھەمدە يېڭىشەھەر رايونىدا بولۇپ، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ تاق يۆنىلىشتە يۈرۈش باشلىنىدىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە تەشۋىق قىلىپ تەربىيەلەش مەزگىلى ئىكەن، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، قاتناش ساقچى تارماقلىرى قائىدە بويىچە يول يۈرمىگەنلەرگە جەرىمانە قويىدىكەن.
ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى